ھىندىستاندا «ماۋچىلار» نىڭ مىنالىق ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ئۆلدى

ھىندىستاندا ساقچىلارغا ئائىت بىرونىۋىك  ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا «ماۋچىلار» تەرىپىدىن يول چېتىگە كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 ساقچى يارىلاندى.

928816
ھىندىستاندا «ماۋچىلار» نىڭ مىنالىق ھۇجۇمىدا 8 ساقچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان چاتتىسگارھ ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇكما ناھىيەسى ئەراپىدا ساقچىلارغا ئائىت بىرونىۋىك  ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا «ماۋچىلار» تەرىپىدىن يول چېتىگە كۆمۈپ قويۇلغان مىنا پارتلىغان، پارتلاشتا 8 ساقچى قازا قىلغان، 4 ى ئېغىر 10 ساقچى يارىلانغان، يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ساقچى تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ «ماۋچى ئىسيانچىلار» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىنقىلابىي رەھبىرى ماۋ زېدوڭدىن ئىلھام ئالغان «ماۋچى ئىسيانچىلار» 1967 – يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ شىمالىي، شەرقىي ۋە مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە پات - پات قوراللىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر