2000دەك ئېفىيوپىيەلىك كېنىيەگە قاچتى

ئېفىيوپىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مويالې رايونىدىكى 2000دەك كىشى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى كېنىيەگە قاچتى.

928695
2000دەك ئېفىيوپىيەلىك كېنىيەگە قاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مويالې رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن كېيىن رايوندىكى مىڭلارچە ئادەم كېنىيەگە قاچتى.

كېنىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرادىن ئۆتكەن 2000دىن ئارتۇق ئېفىيوپىيەلىكنى قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرى كۈتۈۋېلىپ ياردەم قىلغان. كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان مۇساپىرلار 4 لاگېرغا ماكانلاشقان.

مۇساپىرلارغا يېمەك-ئىچمەك، تازىلىق ۋە سەھىيە بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلگەندىن سىرت، رايوندا 12 سەھىيە خادىمى مۇساپىرلارغا سەھىيە مۇلازىمىتى قىلغان.

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى ھەپتە ئاخىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئورومو ئازادلىق تەشكىلاتىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغاندا خاتا ھالدا 9 ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئېفىيوپىيەدىكى جىددىي ھالەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋەقە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 5 ھەربىي خادىمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ھېيلېمارىيام دېسالېگىننىڭ ئۆتكەن ئاي ھەم باش مىنىستىرلىق ھەمدە ئېفىيوپىيە خەلق ئىنقىلابى دېموكراتچىلار تەشكىلاتى رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىدىن كېيىن، ئېفىيوپىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار قوزغىلىپ زورۋانلىق ۋەقەلىرى باش كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن  مەملىكەت مىقىياسىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر