ئاۋسترىيەدىكى ئىران ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادىكى ئىران ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان زوراۋان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا تۇرۇشلۇق ئىران ئەلچىخانىسىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان نۆۋەتچى ئەسكەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان زوراۋان نۆۋەتچى ئەسكەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
ۋىيانا ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ھارالد سۆرۆس تۈنۈگۈن كېچىدە 26 ياشلىق بىر كىشىنىڭ ئىران ئەلچىخانا بىناسىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئەسكەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، نۆۋەتچى ئەسكەر بولسا ئۇنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاۋسترىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مايكېل باۋېرمۇ ئەسكەرنىڭ زوراۋاننى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن دەسلەپ ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەن بولسىمۇ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، ئاقىۋەت ئوق چىقىرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى نۆۋەتچى ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى، لېكىن ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.