ئىسرائىلىيە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

927720
ئىسرائىلىيە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى  ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 7 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە ۋاقتى سائەت 19:00 دا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززەگە يېقىن يەھۇدىي تۇرالغۇ رايونلىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىغان باياناتتا، ھەربىي مانېۋىرغا ئاممىلارنى يۆتكەش خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ھەربىي قىسىمنىڭمۇ قاتناشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4-مارتتا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ لىۋان ۋە غەززەدىن ھۇجۇم قوزغىلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپمۇ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى، بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى پىلانلانماقتا.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەلىرى 2001-يىلدىن بۇيان قەرەللىك مۇددەت ئىچىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبرمان ئۆتكەن ئاي لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ كۈچلىرى ئۇرۇش قوزغىغان تەقدىردە ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى لىۋانغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

لىبېرماننىڭ بۇ تەھدىتىگە قارىتا، لىۋان پىرېزىدېنتى مىشېل ئاۋن، باش مىنىستىر سەئەد ھەرىرى، ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى جوسېف ئاۋن ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن دۆلەت ئەربابلىرىدىن تەشكىل تاپقان لىۋان ئالىي مۇداپىئە كېڭىشى، پايتەخت بەيرۇتتىكى بابدا پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكى تېمىسى بويىچە يىغىن چاقىرىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قوزغاش ئېھتىمالىغا قارشى لىۋان ئارمىيەسىگە تولۇق ھوقۇق تاپشۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر