ترامپ كېلەر ئاي لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئاي پېرۇ، كولومبىيە قاتارلىق لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

927384
ترامپ كېلەر ئاي لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ئاي لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئاق ساراي  تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى  تۇنجى بولۇپ پېرۇدىن باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا دونالد ترامپنىڭ پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا 13-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە چاقىرىلىدىغان «ئامېرىكىلىقلار يىغىنى»غا ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى، ئارقىدىن پېرۇ پىرېزىدېنتى پېدرو پابلو كۇكزىينسكى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پېرۇدىن كېيىن كولومبىيەگە ئۆتىدىغان ترامپنىڭ كولومبىيە پىرېزىدېنتى جون مانۇئېل سانتوس بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا ترامپنىڭ پېرۇ ۋە كولومبىيە زىيارەتلىرىدە ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە تارىخى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش  يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ترامپنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇلتۇر 20-يانۋاردا پىرېزىدېنت بولغان ترامپ مېكسىكا، پېرۇ ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئەزاسى بولغان  تىنچ ئوكياندىن ھالقىغانلار ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. ترامپ ھاكىمىيىتى يەنە ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادامۇ ئەزاسى بولغان شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىمۇ قايتىدىن مۇزاكىرىگە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تام قوپۇرۇشقا يوليۇرۇق چۈشۈرگەن ترامپ، مېكسىكا بولۇپ بارلىق لاتىن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئامېرىكىدىكى لاتىن ئامېرىكىلىق بولۇپ يۈز مىڭلارچە كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ترامپ ھاكىمىيىتى، بۇ سەۋەبتىنمۇ لاتىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر