گابون ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى گابون ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا تاراتقۇلىرى، گابون ھۆكۈمىتىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 450 ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئەسكەرلەرنىڭ ئىيۇن ئېيىغىچە گابونغا تولۇق قايتىپ بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەرلەردە، گابون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىغا ب د ت ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى جىنسىي سەتچىلىكلەرگە ئارىلىشىپ قېلىشىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ب د ت ئەمەلدارى بولسا، بۇ قارارنىڭ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گابونلۇق ئەسكەرلەرگە ھەربىي ئەسلىھەلەر تولۇقلىنىپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نويابىر ئېيىدا (2017) قارمىقىدىكى ئەسكەر سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەزا دۆلەتلەردىن 900 ئەسكەر تولۇقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنىدى.