پۇتىن ترامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق بەزى كۈچلەرنىڭ توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

927012
پۇتىن ترامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىپ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن  رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنى دۈشمەن ئېلان قىلمىغانلىقلىرىنى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ پارلامېنت سەۋىيەسىدە رۇسىيەنى دۈشمەن تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنىڭ ھېچقاچان ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: لېكىن ئامېرىكا رۇسىيەدىكى سايلاملارغا ئارىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئامېرىكا بۇ قىلمىشىنى يوشۇرماي دەۋاتىدۇ، دېدى.

پۇتىن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇنىڭغا توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر