بېرلىندا بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بېرلىندا تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىغا تەۋە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

926956
بېرلىندا بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا شەنبە كۈنى تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسىغا تەۋە بىر جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەنبە كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جامەنىڭ ئىسمى كوجاسىنان جامەسى بولۇپ، جامە كارغا كەلمەس بولۇپ قالغان.

بېرلىننىڭ ۋېددىڭ رايونىدىكى بۇ جامەگە 3 كىشىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتىشقان نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جامەنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ تاشلىغان زوراۋانلار جامە ئىچىگە ئوت ئالىدىغان ماددا تاشلىغان، جامەگە ئوت كېتىپ 2 سائەتتىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر