ب د ت: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە يەنە توسقۇنلۇق قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە يەنە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

926259
ب د ت: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە يەنە توسقۇنلۇق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس تۈنۈگۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان بولۇشىغا قارىماي، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى شەرقىي غۇتەگە بۈگۈنمۇ يەتكۈزۈپ بېرىلەلمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قامىلى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە رايونىغا تۈنۈگۈن ئەۋەتىلمەكچى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن «بىخەتەر» ۋە «بىمالال» ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن رايونغا قاراپ ھەرىكەت قىلالمىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شېرىكلىرى بۈگۈن شەرقىي غۇتەگە بارالمىدى. شۇنداقتىمۇ، سۈرىيەدىكى دۇما، قامال ئاستىدىكى ۋە يېتىپ بېرىش قىيىن بولغان رايونلاردىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈتمەكتە.»

باياناتتا يەنە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەگە «بىخەتەر» ۋە «بىمالال»  ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر