ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ يادرو قورالىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جون ج. رۇد ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قابىلىيىتىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىستىراتېگىيەلىك قورال كۈچىگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك يېتەرلىك سەۋىيەدە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پالاتاسىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇدتىن: «ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن –1 مارتتا فېدېراتتسىيە پارلامېنتىدا ئېلان قىلغان يېڭى دەۋر قوراللىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك سەۋىيەدىمۇ، ئەمەسمۇ؟» دەپ سوئال سورالدى.
رۇد ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بۇ مەقسەت ئۈچۈنلا ياسالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ياسالغان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان چاغدىكى سەۋىيەسىدە تۇرماقتا. بۇ سىستېما رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوراللىرىنى يوقىتالىغۇدەك ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى.
رۇسىيە، ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ھۇجۇم ئۈچۈنمۇ قايتىدىن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پۇتىن 18 – مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ئاخىرقى فېدېراتسىيە پارلامېنتى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېڭىلمەس باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ۋە تەڭداشسىز قوراللارنى ياسىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.