سابىق رۇسىيە جاسۇسى نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيەلىك ماددا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئەنگلىيەدە ھۇشىدىن كەتكەن ھالدا بايقالغان سابىق رۇسىيە جاسۇسى سېرگېي سىكرىپال بىلەن قىزى دۇچار بولغان خىمىيەلىك ماددىنىڭ نېرۋا سىستېمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

925211
سابىق رۇسىيە جاسۇسى نىرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيەلىك ماددا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوندون ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مارك روۋلېي ۋە ئەنگلىيە خەلق ئامانلىقى ئىدارىسى باشلىقى دام ساللىي داۋېس ۋەقە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە دائىر ئاخباراتچىلارغا مەلۇمات بەردى. 

ۋەقەنىڭ «جىنايەت» سۈپىتىدە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن روۋلېي، دادا بىلەن قىزى دۇچار بولغان ماددىنىڭ نېۋرا سىستېمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

روۋلېي مەزكۈر ماددىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. تەكشۈرۈشنى ئەنگلىيە خەلق ئامانلىقى ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ يەنە بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى، سالىسبۇرى شەھەر مەركىزىنى زىيارەت قىلغانلار ۋە شاھىدلارنىڭ مەسئۇللار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىقتا بولدى.

ئەنگلىيە خەلق ئامانلىقى ئىدارىسى باشلىقى داۋېسمۇ دادا بىلەن قىزى ۋەقەگە ئۇچرىغان جاينى بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ داۋملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدە تەھدىتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ بارغان ساقچى خادىمىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقانلىقى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سابىق رۇسىيە جاسۇسى سىكرىپال بىلەن قىزى يۇلىيا يەكشەنبە كۈنى ئاخشامدا ئەنگلىيەنىڭ سالىسبورى شەھىرىدە بىر بازاردا ھۇشىدىن كەتكەن ھالدا بايقالغان ئىدى. 

ئەنگلىيە ئاخباراتلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە كۆرە، 66 ياشلىق سىكرىپال ۋە 33 ياشلىق قىزى يۇلىيا نېمە ئىكەنلىكى ئېنىقلانمىغان بىر ماددىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ھازىر بالنىستتا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى دادا بىلەن قىزى تېپىلغان بانكىدىن باشقا يەنە، رايوندىكى بىر رېستوران بىلەن بىر قەھۋەخانىنىمۇ بىخەتەرلىك چەمبىرىكى ئاستىغا ئالدى. 

بىخەتەرلىك كامېرا كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايقالغان بىر ئەر ۋە بىر ئايال گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر