ب د ت ئاراكاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاراكاندا 1970 – يىللاردا 2 مىليون مۇسۇلماننىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بۇ سان سىستېمىلىق ھۇجۇملار ۋە قېچىشلار سەۋەبىدىن 350 مىڭدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

925110
ب د ت ئاراكاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى باشلىقى زەيد رائاد ئەل ھۇسەيىن، بىرمادا 2017يىلى 25ئاۋغۇستتىن بۇيان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەر بارلىقىنى ئېيتتى.

ھۇسەيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 37نۆۋەتلىك يىغىنىدىكى نۇتۇقىدا، باڭلادىشتا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان 900 مىڭ ئەتراپىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلاردىن باشقا يەنە، بىرمادا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭمۇ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇسەيىن: «مېنىڭ ئىشخانام (كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسى) ئاراكان ئۆلكىسىدە ھازىرمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېدى. 

ھۇسەيىن: «بىرما ھۆكۈمىتى توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى بىلەن مازارلارنىمۇ تۈرتۈش ئارقىلىق قەستەنلىك بىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارالىق جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى يوقىتىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«قۇربانلار بىرمانىڭ ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرى ۋە يەرلىك مىلىتانلىرىنىڭ ھەر خىل جىنايەت، باسقۇنچىلىق، قىيىن قىستاق ۋە گۆرۈگە ئېلىش  قاتارلىق قىلمىشىلىرى شۇنداقلا يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا كۈندىلىك ئېھتىياج بۇيۇملىرىغا ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى قەستەن ئاچ قويۇۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگىمۇ مەلۇم بولغاندەك ئىشخانىمىز ئاراكان ئۆلكىسىدە ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا دائىر ئىنتايىن كۈچلۈك قاراشلارغا ئىگە.» 

زەيد رائاد ئەل ھۇسەيىن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خىتاب قىلىپ، بىرمادا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنى ئېنىقلاپ، جازاغا تارتىش ئۈچۈن يېڭى بىر مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلدى.

ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاخىرقى سانلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، 2017يىلى 25ئاۋغۇستتىن بۇيان بىرمادىكى زوراۋانلىقلاردىن قاچقان تەخمىنەن 700 مىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمان باڭلادىشتا پاناھلانغان.

ئاراكاندا 1970يىللاردا 2 مىليون مۇسۇلماننىڭ بارلىقى تەخمىن قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بۇ سان سىستېمىلىق ھۇجۇملار ۋە قېچىشلار سەۋەبىدىن 350 مىڭدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەر، رايوندا مۇسۇلمانلارغا تەۋە 350 دىن ئارتۇق يېزىنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر