ب د ت: تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ كوتروللۇقى ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىن باشقا جايلارغا كەتكىلى قويمايۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئەندىشىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

925631
ب د ت: تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ  كوتروللۇقى ئاستىدىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىلىرىدىن فەرھان ھەق كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا،  يەرلىك دائىرىلەر ئافرىن رايونىدىن باشقا جايلارغا  كەتكىلى قويمايۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئافرىن رايونىدىن ھازىرغىچە 5 مىڭ كىشىنىڭ ئايرىلالىغانلىقىنى، بىراق ئەمدىلىكتە پۇقرالارنىڭ باشقا جايلارغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ھەق، ئافرىن رايونىغا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ يېتىپ بېرىشى ۋە رايوندىن پۇقرالارنىڭ ئايرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ساھەدىكى بارلىق تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىنى، ئەمما دائىم دېگۈدەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ھەق ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «يەرلىك دائىرىلەردىن كىملەرنى كۆزدە تۇتىسىز؟ ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا: «شۇنداق، ئۇلارمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى، <يەرلىك دائىرىلەر> دىن ي پ گ / پ ك ك نى كۆزدە تۇتتۇم» دەپ جاۋاب بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچمۇ «يەرلىك دائىرىلەر» دەپ ئاتىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ بىخەتەر جايلارغا كەتمەكچى بولغان پۇقرالارغا داۋاملىق توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر