رۇسىيە سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، بەزى ئۇچۇرلارنى تۈزەتتى.

924326
رۇسىيە سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانى توغرىسىدا ئىككىنچى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئانتونوۋ-26 تىپلىق يۈك ئايروپىلانىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن جايدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 33 يولۇچى بىلەن 6 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، دەسلەپككى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ئايروپىلاننىڭ ھەرقانداق بىر ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى، قازانىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

قازادا ئايروپىلاندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، قازاغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى باياناتىدا، ئايروپىلاندىكى 26 يولۇچى بىلەن 6 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر