نېتانىياھۇ «زالىم»ئىران ئىمپېرىيەسىگە توسالغۇ بولۇش لازىملىقىنى ئېيتتى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئىراننىڭ «زالىم ئىمپېرىيە»قۇرۇپ چىقىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىرانغا توسالغۇ بولۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

924215
نېتانىياھۇ «زالىم»ئىران ئىمپېرىيەسىگە توسالغۇ بولۇش لازىملىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ «زالىم»ئىمپېرىيە قۇرۇپ چىققان ئىرانغا توسالغۇ بولۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئالدىنقى كۈنى ئاق سارايدا كۆرۈشكەندە بەكرەك ئىران مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن نېتانياھۇ، تۈنۈگۈنمۇ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنىدا ئىرانغا قارشى گەپلەرنى قىلدى.

تېھراننىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نېتانياھۇ: ئىران زالىم ئىمپېرىيە قۇرۇش كويىدا يۈرمەكتە، بىز ئىرانغا توسالغۇ بولۇشىمىز  كېرەك، دېدى.

يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىراننى تېخىمۇ خەتەرلىك ۋە جەڭخۇمار ھالەتكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن نېتانىياھۇ،  ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نوپۇزىنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى خەرىتە ئارقىلىق چۈشەندۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر