ماكېدونىيەلىكلەر گىرېتسىيەنى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى تۈپەيلى كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى

ماكېدونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارگىرېتسىيەنى ئۇزۇندىن بۇيان سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى تۈپەيلى كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى.

924217
ماكېدونىيەلىكلەر گىرېتسىيەنى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلمىشى تۈپەيلى كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكېدونىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ماكېدونىيەلىك ئاز سانلىق جامائىتىگە قارشى 1913-يىلدىن بۇيان سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ۋە باشقا جىنايەتلەر» سەۋەبىدىن كەچۈرۈم سوراشقا چاقىردى.

نۇرغۇن دۆلەتتە ۋاكالەتخانىلىرى بولغان ماكېدونىيە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ھەرىكىتى، بىرلەشمە ماكېدونىيە دىياسپوراسى، دۇنيا ماكېدونىيە قۇرلتىيى ۋە ماكېدونىيە كوردىناتسىيە تورى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ جەنۋەدىكى ۋەكىللىرى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ماكېدونىيە خەلقى گىرېتسىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو قاتارلىقلارنىڭ چىدىغۇسىز ھەقسىزلىق ۋە يولسىزلىقلىرىغا ئەمدى چىداپ بولالمايدۇ.»

باياناتتا ماكېدونىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش بەدىلىگە ئىسىملىرىنى، ئېتنىك ۋە دۆلەت كىملىكلىرىنى، تىللىرى ۋە تارىخلىرىنى قايتىدىن  مۇزاكىرە قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇنداق ئىشىنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە: «ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ماكېدونىيەدىكى مىليونلىغان كىشىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ماكېدونىيەلىكلەر بىر مەقسەت ۋە بىر نىيەتتە بىرلەشتى. ئۇلار پۈتكۈل دۇنيادىكى مىللەتلەردىن بۇ جىنايەتنى توختىتىش ئۈچۈن ياردەم  تەلەپ قىلماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى پەيدا قىلىۋالغان مەسىلە ئارقىلىق يۈز يىللاردىن بۇيان دۆلىتىدىكى ماكېدون ئاز سانلىق جامائىتىنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى رەت قىلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ خەلقئارالىق مەسىلە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى:«گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىر قېتىم بولسىمۇ تارىخ بىلەن يۈزلىشىپ گىرېتسىيەدە 1913-يىلدىن بۇيان ماكېدون ئاز سانلىق جامائىتىگە قارشى سادىر قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ۋە باشقا جىنايەتلەرنى ئېتىراپ قىلىپ ماكېدون خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىشى لازىم.»

تۈركىيە بولۇپ بىر نەچچە دۆلەتلا ماكېدونىيەنى ئاساسىي قانۇندا يېزىلغان«ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى»دېگەن نام بىلەن ئېتىراپ قىلغان بولسا، گىرېتسىيە چېگرا تەۋەلىكىدە «ماكېدونىيە»دەيدىغان رايوننىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ دۆلەتنىڭ نامىنىڭ چوقۇم ئۆزگەرتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ماكېدونىيە 1991-يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان، قوشنا دۆلەت گىرېتسىيە بىلەن بولغان مەسىلىسى تۈپەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالماي كەلمەكتە.

ماكېدونىيەنىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشى 1993-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى قارار بىلەن رەسمىيەلەشكەن  بولسىمۇ، لېكىن گىرېتسىيەنىڭ قارشى چىقىشى نەتىجىسىدە ماكېدونىيە «سابىق يۇگۇسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتى ماكېدونىيە»دېگەن نام بىلەن ب د ت  ئەزاسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر