ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ غۇتەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 54 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

923443
ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ غۇتەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا ئونلارچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي غۇتەدە يېقىنقى 15 كۈندە ئۆلگەن پۇقرالار سانى 810 غا يەتكەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ئالدىنقى كۈنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا پىسەنت قىلماستىن، رۇسىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا شەرقىي غۇتەنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24 – فېۋرالدا قارار ماقۇللاپ، شەرقىي غۇتە قاتارلىق سۈرىيە مىقياسىدىكى پۇقرالار ئۈچۈن ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق، «دەرھال» ئىجرا قىلىنىشى ھۆكۈم قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقسىزلا قالغانىدى. رۇسىيە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدىن كېيىن 27 – فېۋرالدا قارار چىقىرىپ، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر كۈنى سۈرىيە ۋاقتى سائەت 9 دىن 14 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنىڭغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتەدىكى 400 مىڭغا يېقىن كىشى 5 يىلدىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدا ياشىماقتا. شەرقىي غۇتە، ئاستانا كېلىشىمىدە «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ كاپالەتچىلىكى ئاستىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ رايونغا قاراتقان مۇھاسىرىنى كۈچەيتكەن، يېقىندىن بۇيان ھۇجۇملىرىنىڭ شىددىتىنى ئاشۇرغانىدى. ئىنسانىي كىرىزىس ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقان رايوندا، يۈزلەرچىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ مىڭلارچە پۇقرا بىمار تارقاقلاشتۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ ياتماقتا. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار ياكى ئېغىرلىشىپ كەتكەن راك كېسەللىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. شەرقىي غۇتەلىك كۆپلىگەن بوۋاق ۋە بالىلارمۇ ئاچلىق ۋە دورىسىزلىق تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر