ئامېرىكا گۇئامدىن پ ك ك تېررورچىلىرىنى ئافرىنغا يۆتكىمەكتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گۇئام ئارىلىدا تەربىيەلىگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنى سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىغا يۆتكىمەكتە.

923258
ئامېرىكا گۇئامدىن پ ك ك تېررورچىلىرىنى ئافرىنغا يۆتكىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د – ي پ گ گە قورال - ياراغ ياغدۇرغان ئامېرىكا ئەمدىلىكتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىغا 1990 - يىللاردىن بۇيان گۇئام ئارىلىدا ئالاھىدە تەربىيەلەۋاتقان پ ك ك تېررورچىلىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ھەربىي بازىسى ھېسابلىنىدىغان گۇئام ئارىلىدا پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئايروپىلان،  تىك ئۇچار ئايروپىلان، زېنىت توپ، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان قوراللار ۋە دىگىتال مىنا قاتارلىق قورال – ياراغلارنى ئىشلىتىش بويىچە تەربىيەلىمەكتە.

ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى باگرام ھەربىي بازىسىدىن كېيىن چەت ئەللەردە قۇرغان ئەڭ چوڭ ئىككىنچى ھەربىي بازا ھېسابلىنىدىغان گۇئام ئارىلىدا 1996 – يىلدىن بۇيان تېررورچىلارنى تەربىيەلىمەكتە.

كەم دېگەندە بىر يىل تەربىيەلەنگەن تېررورچىلار ئىشلىتىۋاتقان قورال – ياراغلاردىن ئالاھىدە فورمىلارغىچە ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ.

بۇ ئارىلىقتا، پ ك ك نىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن تېرمال كۈنلۈكلىرى «شەيخ ھەدىد» ۋە «كەفەر جەننە» رايونلىرىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا يۈزدە يۈز زەربە بېرىپ كېلىۋاتقان «كەفەر جەننە» تەلىم - تەربىيە لاگېرى بىلەن «شەيخ ھەدىد» يېزىسىدا ئۆلگەن پ ك ك تېررورچىلىرىدىن بىر بالىنىڭ تېرمال كۈنلۈكلەرنىڭ ئاستىدا جان ئۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر