ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەنى توختىماي بومباردىمان قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

922840
ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى يازما باياناتتا: «ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتە خەلقىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەيدۇ» دېيىلدى. باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە سۈرىيەدە 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2401 -نومۇرلۇق قارارىنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشىنى بىر قانچە قېتىم كېچىكتۈرگەندىن كېيىن، قارارنىڭ ماددىلىرىغا بويسۇنماي خاتا ھالدا <تېررورلۇققا قارشى كۈرەش> دېگەن نام ئاستىدا بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇلار، رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2016-يىلى مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ھەلەبتە قىلغان يالغان سۆزلىرى ۋە ھېچنىمىنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن كۈچ ئىشلىتىشىگە ئوپمۇ ئوخشاش.»

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ھىمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قوزغالغان ئايروپىلانلىرىنىڭ 24-ۋە 28-فېۋرال كۈنلىرى ئارىسىدا شەرقىي غۇتە بىلەن دەمەشىق ئەتراپلىرىنى ھەر كۈنى 20 قېتىمدىن ئارتۇق بومباردىمان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، بەششار ئەسەد تەرەپدارى تېررورىست گۇرۇپپىلارغا شەرقىي غۇتەدىكى سەھىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرىنى ۋە پۇقرالارنى نىشان قىلماسلىق چاقىرىق قىلىندى ۋە: «مەدەنىي دۇنيا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنۇشى ۋە رايوندىكى 400 مىڭ كىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى بەزى ناھىيەلەر بىلەن بەزى بازارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 104 كىۋادرات كىلومېتىرلىق شەرقىي غۇتە، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپەتلىرىگە سەھنە بولماقتا. يېرىمى كىچىك بالا بولغان 400 مىڭ كىشى بەش يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك يېتىشمەسلىك ھەمدە قاتتىق بومباردىمانغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.

شەرقىي غۇتە ئاستانا كېلىشىمىدە «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2017-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ رايوندىكى قورشاۋىنى تېخىمۇ چىڭىتقان ۋە يېقنقى ئايلاردا شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. ئىنسانىي كىرىزىس چوڭقۇرلاشقان رايوندا، ئەھۋالى خەتەرلىك مىڭلارچە بېمار تارقاقلاشتۇرۇشنى كۈتمەكتە. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كىچىك بالا ياكى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، سانسىزلىغان بوۋاقلار ۋە كىچىك بالىلار يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارى ۋە رۇسىيەنىڭ ھەر كۈنى بەش سائەت ئۇرۇش توختىتىش ئۇقتۇرۇشىغا قارىماستىن، شەرقىي غۇتەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر