ترامپ بىلەن سىسى ئەسەدنىڭ شەرقىي غۇتە قەتلىئاملىرى ئۈستىدە كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتا ئەس-سىسى ئەسەدنىڭ شەرقىي غۇتەدە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

922807
ترامپ بىلەن سىسى ئەسەدنىڭ شەرقىي غۇتە قەتلىئاملىرى ئۈستىدە كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتا ئەس-سىسى بىلەن تېلېفوندا سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي غۇتەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ئۈستىدە كۆرۈشتى.

ئاق سارايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن سىسىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئامېرىكا-مىسىر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتىن سىرت ئەسەد بىلەن رۇسىيەنىڭ شەرقىي غۇتەگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

يازما باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «لىدەرلەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىگۇناھ خەلققە قىلغان زالىملارچە ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارى بولغان رۇسىيە ۋە ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسەدنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن سىسى سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسلەرگە خاتىمە بېرىش ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى بىلەن رايوندا مۇقىملىق ۋە ئامانلىق بەرپا قىلىشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كېلىشتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر