شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلاندى

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنىدا شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلاندى.

922957
شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يىغىنى باش مىنىستىر لى كېچىياڭنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلىدى.

باش مىنىستىر لى كېچىياڭ خىتاينىڭ بۇ يىلقى زورىيىش نىشانىنىڭ %6.5، مۇداپىئە راسخوتىنىڭ بولسا %8  ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەخمىنەن 3000 ۋەكىل قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا دۆلەت رەئىسلىكىگە قايتىدىن سايلانغان شى جىنپىڭ، يەنە 5 يىل دۆلەت رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى تەشكىل قىلىدۇ.

دۆلەت رەئىسلىكىدە يىل چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى 11-مارتتا ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان تەقدىردە خىتاي دۆلەت رەئىسى پەقەت 2 نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ بەلكى تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر