جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىغا 30 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

جەنۇبىي كورېيە مۇپەتتىشلىرى سابىق پىرېزىدېنت پارك گېئۇن خەينى چىرىكلىك قىلىش ۋە ۋەزىپىسىنى يامان ئىشلارغا ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 30 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلدى.

919392
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىغا 30 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇپەتتىشلەر سوت مەھكىمىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەھكىمىدىن دۆلىتىمىزنىڭ 18نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ چوڭ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىك بولغان گۇماندارغا 30 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشىنى ھەمدە 118 مىليارد 500 مىليون ۋون (يەنى 110 مىليون دوللار) جەرمانە قويۇلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

مۇپەتتىشلەر پاركنىڭ ئۇزۇن يىللارغىچە جەنۇبىي كورېيەلىك 3 شىركەتتىن ھەر خىل ئىلتىماسلارغا بەدەل سۈپىتىدە، 59 مىيارد 200 مىليون ۋون (52 مىليون دوللار) پارا ئالغانلىقىنى ياكى ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى 2016يىلى ئۆتكۈزگەن رەي سىناشتا پاركنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىنى رەسمىي قارار قىلغان ئىدى.

دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 7 مۇپەتتىشتىن تەشكىل تاپقان ھەيئىتى، 2017يىلى پاركنىڭ پىرېزىدېنلىق ۋەزىپىىسدىن ئېلىپ تاشلىنىشنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە تارىخىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان تۇنجى پىرېزىدېنت پارك گېئۇن خەي بولغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر