ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 213 پەلەسىتنلىك مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 51 يىل ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەسىتنلىك مەھبۇسلارنىڭ سانى 213 كە يەتتى.

916822
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 213 پەلەسىتنلىك مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەسىتنلىك ئەسىرلەر جەمئىيىتى بىلەن ۋىجدان ئەسىرلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان 213 پەلەسىتنلىكتىن 7 سىنىڭ ئۇرۇپ، 72 سىنىڭ قىيىن - قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى، 59 ىنىڭ بولسا كېسەل بولۇشىغا قارىماي داۋالاتماسلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى بارلىق پەلەسىتنلىك تۇتقۇنلارنىڭ فىزىكىلىق ۋە پىسخولوگىيەلىك قىيىن – قىستاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىسان قېلىپىدىن چىققان» ناچار مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ تەخمىنەن % 60 تىنىڭ « ۋەھشىيلەرچە فىزىكىلىق ھۇجۇم» غا ئۇچراۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبلىرى توغرۇلۇق ئالاھىدە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر