قاتار بىلەن چاد دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى
قاتار بىلەن چاد پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ باشلىرىدا ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
![قاتار بىلەن چاد دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1807/3edb/9626/5a2d2c533b1c8.jpg?time=1719184245)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانى بىلەن چاد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد زەين شەرىف قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا كۆرۈشۈپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىككى دۆلەت باش ئەلچىلىرى خىزمەت ئورۇنلىرىغا قايتىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 2017 - يىلى 5 ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇھاسىرىگە ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشى پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.
چاد، قاتارنى لىۋىيە زېمىنلىرى ئارقىلىق دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، 2017 – يىلى 23 – ئاۋغۇستتا بۇ دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسىنى تاقاپ، قاتارلىق دىپلوماتلارغا 10 كۈن ئىچىدە چادتىن چىقىپ كېتىش مۆھلىتى بەرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719184246)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.