بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ بېشى دەرتتە

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ مەسلىھەتچىلىرى ئارقىلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ خادىمىغا باش تەپتىشلىك ئورنىنى تەكلىپ قىلغان.

914917
بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ بېشى دەرتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ ھەققىدە يەنە بىر يېڭى دېلو تۇرغۇزۇلدى.

ئىگىلىنىشىچە، باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ مەسلىھەتچىلىرى ئارقىلىق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر مەسئۇلىغا، ئايالى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈستىنى يېپىشنىڭ بەدىلىگە باش تەپتىشلىك ئورنىنى تەكلىپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك يېڭى دېلو تۇرغۇزۇلغان.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 1230-نومۇرلۇق خىيانەتچىلىك دېلوسىدا، بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ سابىق ئاخبارات مەسلىھەتچىلىرىدىن نىر ھېفېتىز بىلەن ئەلى قامىر «بىر دۆلەت خىزمەتچىسىگە مۇئەييەن يۆنۈلۈشتە ھەرىكەت قىلىشى بەدىلىگە باش تەپتىشلىككە ئۆستۈرۈش» نى تەكلىپ قىلغان.

بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ سابىق مەسلىھەتچىلىرى رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھىلا گېرتېلغا ئايالى سارا نېتانياھۇ ئۈستىدىكى «ساختا تالون تەييارلاش ۋە دۆلەت مال-مۈلكىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنى توختىتىشنىڭ بەدىلىگە، باش تەپتىشلىك ھوقۇقىنى تەكلىپ قىلغان.

سابىق مەسلىھەتچىلەر بولغان نىر ھېفېتىز بىلەن ئەلى قامىر «بەزەق مېديا شىركىتىنىڭ نېتانياھۇغا پايدىلىق پىروگرامما تارقىتىشنىڭ بەدىلىگە، مالىيە جەھەتتىن ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش» قا مۇناسىۋەتلىك 4000-نومۇرلۇق دېلو دائىرىسىدە قولغا ئېلىنغان. ساقچى دائىرىلىرى 1230-نومۇرلۇق دېلونى 4000-نومۇرلۇق دېلودا قولغا چۈشۈرگەن دەلىللەرگە تايىنىپ تۇرغۇزغان.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھىلا گېرتېلنىڭ تەكلىپنى رەت قىلغانلىقى ۋە ئەھۋالنى خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا مەلۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، سابىق مەسلىھەتچىلەر نىر ھېفېتىز بىلەن ئەلى قامىرنىڭ «بۇ كۈلكىلىك تەكلىپ» نى باش مىنىستىرغا ياكى باش مىنىستىرنىڭ ئايالىغا بىلدۈرمىگەنلىكى، باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئايالىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىلەردىن سوتچىغا ھوقۇق ئۆستۈرۈشنى تەكلىپ قىلىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىنيامىن نېتانياھۇ خىيانەتچىلىك دېلولىرى سەۋەبىدىن يەتتە قېتىم ساقچىغا چاقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر