ئىراندا يەكشەنبە كۈنى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان تېپىلدى

چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان نوقۇل يېزىسى ئەتراپىدىكى دىنا تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكىدە بايقالدى.

914200
ئىراندا يەكشەنبە كۈنى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلان تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «IRINN»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى باياناتچىسى رامازان شەرىف پايتەخت تېھراندىن ئۇچۇپ ئىسفاھان ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن ئاسمان ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە يولۇچى ئايروپىلانىنىڭ تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رامازان شەرىف تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپىراتلىرى ئارقىلىق چۈشۈپ كەتكەن يەرنى تاپقانلىقىنى، نوقۇل يېزىسى ئەتراپىدىكى دىنا تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكىدە بايقالغانلىقىنى ۋە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ بايقالغان جايغا يۈزلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

تېھراندىن ساسۇج شەھىرىگە كېتىۋاتقان ئاسمان ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە «ATR-72» تىپلىق يولۇچى ئايروپىلانى يەكشەندە كۈنى ئىسفاھان ئۆلگىسىگە قاراشلىق سەمىرۇم ناھىيەسىدە چۈشۈپ كەتكەن ۋە ئايروپىلاندىكى بىر كىچىك بالا بىلەن قوشقاندا 60 يولۇچى ۋە 6 ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر