«ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنى مۇسۇلمانلار قاپلاپ كەتتى»

ۋېنگېرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

913096
«ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنى مۇسۇلمانلار قاپلاپ كەتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگېرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپادا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ بارغانچە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى، خىرىستىيان مەدەنىيەتگە مەنسۇب كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ چوڭ شەھەرلەر كۈندىن-كۈنگە ئىسلاملاشماقتا، دېدى.

ئوربان بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ سانىدا كۆرىنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ باۋيېرا ئۆلكىسىدە ئىقتىساد، مۇھىت ئاسراش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرگە سەرپ قىلىنغان راسخوت مىقدارىنىڭ مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىنغان راسخوتقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئوربان، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىن كەلگەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەت مۇشۇ پېتى داۋاملاشقان  تەقدىردە ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەرنى مۇسۇلمان قاپلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ۋىكتور ئوربان يەنە: ۋەزىيەت مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا شەھەرلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، كىملىكىمىز ۋە مىللىتىمىز يوقاپ كېتىدۇ، ئەڭ يامان چۈشىمىز رىئاللىققا ئايلىنىدۇ، غەرب قەلئەسى يېقىلىۋاتىدۇ، لېكىن ياۋروپا بۇنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ، دېدى.

ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپاغا ئىسلامنى تارقىتىشنى بۇرچ دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئىسلامنىڭ كەلگۈسىدە جەنۇبتىنلا ئەمەس غەربتىنمۇ ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ ئىشىكىنى قاقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئوربان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «چېگرالىرىمىزغا تىكەنلىك سىم ئورناتتۇق،  ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىمىز ۋە ساقچىلىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە جەنۇبىي چېگرالىرىمىزنى قوغداپ قالدۇق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ جەنۇبتىن بىزنى ئىستىلا قىلىشىغا توسالغۇ بولدۇق، بۇ رايوندا بىز لاتىن يەنى غەرب خىرىستىيانلىقىنىڭ ئاخىرقى دۆلىتىمىز، بىز ھەر قانداق كۆچمەن دولقۇنىغا تاقابىل تۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگىمىز، ئورتادوكس دۆلەتلىرىمۇ كۆچمەن دولقۇنىغا جەسۇرلارچە كۈرەش قىلماقتا، سىربىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىيەنى بۇ جەھەتتە تەقدىرلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر