سۈرىيەدە پ ك ك نىڭ ئەسەد قىسىملىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى
سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئەسەد قىسىملىرى بىلەن پ ك ك نىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د- پ ك ك ئافرىندا بەششار ئەسەد قىسمى بىلەن تىل بىرىكتۈردى.
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىننىڭ شىمالىي، غەربىي، غەربىي شىمالىي، غەربىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىدا 70تىن ئارتۇق جاينى قولغا چۈشۈرۈشى نەتىجىسىدە پ ك ك – پ ي د قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
تەشكىلات بۇ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەسەد قىسىملىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھقا تەۋە مايادىن تېلېۋىزىيە قانىلى پ ي د- پ ك ك نىڭ ئافرىننى ئەسەد قىسىملىرىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن تۇنجى مۇزاكىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
بەزى مەنبەلەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىنغا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 2016-يىلدا قوزغىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نى قوللىغانىدى.