پولشانىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

پولشانىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا، ناتسىستلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى سىزىلدى.

913131
پولشانىڭ ئىسىرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى ئىسىرائىلىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پولشانىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسىغا، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن پولشاغا قارشى شوئارلار يېزىلغان ۋە ناتسىستلارنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى سىزىلغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسىرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى باشلىغان.

پولشا پارلامېنتى «ئۈچىنچى رېيچ تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ناتسىست جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن پولشاغا مەسئۇلىيەت يۈكلىگەنلەرگە» ئۈچ يىلغىچە قاماق جازاسى ياكى جەرىمانە قويۇشنى تەكلىپ قىلغان قانۇننى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە دائىرىلىرى پولشانىڭ مەزكۇر قانۇن تەكلىپىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

پولشا باش مىنىستىرى گېرمانىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان «يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» جەريانىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا پولشالىق جىنايەتچىلەر بولغىنىدەك، يەھۇدىي جىنايەتچىلەرنىڭمۇ بارلىقى» نى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر