مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى

مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

912913
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى تىنچلىقپەرۋەر ئۆزگىرىشنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ قاراشقا قېتىلمىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا يەنە، مىسىرنىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ۋەزىپىگە ئۆلتۈرۈپ، بىر يىل كېيىن 2013 – يىلى ئاغدۇرۇپ تاشلانغانلىقىمۇ رەت قىلىندى.

گەرچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قانچىلىغان قېتىم زورۋاانلىق ۋەقەلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، مىسىر ھۆكۈمىتى «زورۋانلىق قىلىش ۋە زورۋانلىققا كۈشكۈرتۈش» بىلەن ئەيىبلەپ، نۇرغۇنلىغان تەشكىلات ئەزالىرىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنۇپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر