مېكسىكىدا 7.2 بال يەر تەۋرىدى
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.
912268
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى، يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئوئاكساكا ئۆلكىسى ئىكەنلىكىنى، يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 43 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ۋە دېڭىز تاشقىنى خەۋپى يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.
مېكسىكىدا 2017 – يىلى 19 – سېنتەبىردە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، 369 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.