ئىسىرائىلىيەنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئىسىرائىلىيەدە بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى ئايدا تۇنا سۈلەيمان ئىسىرائىلىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

910859
ئىسىرائىلىيەنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەدە چىقىدىغان «يېدىيوت ئاھرونوت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى سۈلەيمان دۈشەنبە كۈنى (12-فېۋرال) دىكى پارلامېنت يىغىنىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ۋە تەشكىلاتتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ب د ت دوكلاتلىرىغا ئاساسەن مۇشۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدە ئاشقۇن گۇرۇپپىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئۇ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغان خېرىدارلار تىزىملىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئالاقىلارنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«يېدىيوت ئاھرونوت گېزىتى»، سۈلەيماننىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقىنى، ئىسىرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ئەرەب پارلامېنت ئەزالىرى دۇچ كەلگەن «ئىراننى قوللاش» ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇرغاندا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر