تىللېرسون كۇۋەيتتە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون كۇۋەيتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

910455
تىللېرسون كۇۋەيتتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىللېرسون كۇۋەيتتە چاقىرىلغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، 2017 – يىلى ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «پارىس قولتۇقى ھەمكارلىقى» توغرۇلۇق توختالغاندا، پارىس قولتۇقى رايونىدا قايتىدىن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارىس قولتۇقىدا قايتىدىن ھەمكارلىق ئورنىتىش، رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق.»

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 2017 – يىلى 5 - ئىيۇن كۈنى قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشى، پارىس قولتۇقىدا كىرىزىسكە سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر