ماكرون: ئەگەر مۇنداق قىلسا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىمىز

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارغا قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرى جايلاشقان يەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

910503
ماكرون: ئەگەر مۇنداق قىلسا سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىس سارىيىدا ژۇرنالىستلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ماكرون، سۈرىيەدە پۇقرالارغا قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ «قىزىل سىزىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە نۆۋەتتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پۇقرالارغا قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر دەلىل - ئىسپات يوقلۇقىنى، بۇ مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارغا قارشى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردە سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرى جايلاشقان يەرگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرغىچە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ئۇدا 211 قېتىم خىمىيەلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملاردا 1357 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر