دونالد ترامپنىڭ كېلىنى زەھەرلەندىمۇ؟
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كېلىنى بالنېستقا ئېلىندى.
909375
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى دونالد ترامپ ج ر نىڭ ئايالى، ئىچىدە ئاق تالقان ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مەكتۇپنى ئاچقاندىن كېيىن دەرھال بالنېستقا ئېلىندى.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە دونالد ترامپنىڭ كېلىنىنىڭ زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بالنېستقا ئېلىنغانلىقى ۋە 2 گۇماندارنىڭمۇ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مەكتۇپنىڭ ئىچىدىكى تالقاننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
ساقچىلار ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرمەكتە.