ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دىپلوماتىك سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنىس ۋاشىگتون بىلەن پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا شەرتسىز ھالدا بىۋاستە كۆرۈشۈشلەر ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان يېڭى دىپلوماتىك سىياسەتلەر توغرىسىدا ھەقىقىي مەنىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

908733
ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يېڭى دىپلوماتىك سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان مايك پېنىس، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ھەققىدە ئىككى قېتىم مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن. مايك پېنىس جەنۇبىي كورېيەدىن قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە شىمالىي كورېيە بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىش توغرىسىدا جەنۇبىي كورېيە بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پېنىس يېڭى دىپلوماتىك سىياسەتنىڭ، يادرو قوراللىرىنى يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق قەدەملەر تاشلانغىچە كىم جوڭئۇن ھاكىمىيىتىگە قارشى يولغا قويۇلغان قاتتىق ئېمبارگولارنىڭ ئاخىرلاشماندىغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇ بەدەللەر تۆلەتتۈرۈلۈۋاتقان ۋاقىتتا يەنە ئۈستەلگە كېلىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

پىيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شىمالىي كورېيە رەئىسى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوجوڭ بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنىسنىڭ ئارقا-ئارقىدىن كۆرۈشۈشى دىققەت قوزغىغان ئىدى.

كىم يوجوڭ مۇراسىمدا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن قول سىقىشىپ كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر