تالىبان 16 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئافغانىستاننىڭ ھېلمان ئۆلكىسىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى نۇرغۇن ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

908854
تالىبان 16 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ ھېلماند ئۆلكىسىنىڭ گىرىشك ناھىيەسىدە تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن توقۇنۇشقان 16ساقچى ئۆلدى.

ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى ئۆمەر زۇۋاق، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ گىرىشتىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

توقۇنۇشتا 16 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان زۇۋاق، تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىچىدىمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ بارلىقىنى، بىراق سانى توغرىسىدا مەلۇماتلىرى يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى تالىبان بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۈچ ساقچىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر