گامبىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
گامبىيە پىرېزىدېنتى ئاداما بارروۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 14 – فېۋرال تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
908949
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازمان باياناتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، زىيارەت دائىرىسىدە ئالدى بىلەن بارروۋ بىلەن ئەردوغان ئايرىم كۆرۈشىدىكەن، ئاندىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېىپ بېرىلىدىكەن.
تۈركىيە – گامبىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر جەھەتتىن تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىنىدىغان زىيارەتتە، كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
زىيارەت گامبىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.