لىۋان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشقا تەييارلاندى

لىۋان، سۈرىيەدە ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا لىۋان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانماقتا.

908038
لىۋان ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشقا تەييارلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت مىشەل ئەۋننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا لىۋان ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلىشى مەسىلىسى توغرىسىدا پارلامېنت باشلىقى نەبىھ بەررى ۋە باش مىنىستىر سەئىد ھەرىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، لىۋان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىغا دائىر دوكلاتلىرىنى پىرېزىدېنت مىشەل ئەۋنگە يەتكۈزگەنلىكى؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىبران باسىلنىڭ بولسا، ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەرز سۇنۇشقا تەييارلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر قىلمىشلىرىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقى؛ لىۋاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئېتىرازنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋان مەزكۇر باياناتى ئارقىلىق رايونلىرى دۆلەتلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەتىگەندە ھاۋا تەۋەلىكىگە دەخلى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىران ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، سۇرىيە ھاكىمىيىتىمۇ ھاۋا تەۋەلىكىگە قانۇنسىز رەۋىشتە كىرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، ۋەقەنى ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇرۇش ئايروپىلانىدىكى ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا چۈشكەنلىكى، بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ئۈچ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن ئىرانغا تەۋە تۆت ھەربىي بازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 12 نىشانغا ھاۋادىن زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر