ئافغانىساندا تەنتەربىيە مەيدانىدا پارتلاش يۈز بەردى

ھۇجۇمدا 3 تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 2  تاماشىبىن يارىدار بولدى.

907758
ئافغانىساندا تەنتەربىيە مەيدانىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ باتى كوت ناھىيەسىدىكى كالتەك توپ تەنتەربىيە زالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 3 تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

نانگارھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ھوگيانى بومبىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدا پارتلىغانلىقىنى ۋە 3 تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن باشقا يەنە، 2 تاماشىبىننىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈردى. يارىدارلار بالنېستقا ئېلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر