يەمەندىكى ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

يەمەندە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرا شەھىرى جازانغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

907336
يەمەندىكى ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستانغا راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى باياناتچىسى تۈركى ئەلمالىكىنىڭ باياناتىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇسىيلارنىڭ دۆلەتنىڭ يەمەن چېگراسىدىكى جازان رايونىغا راكېتامىيوت بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3 نارىسىدە بالا يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغانلاردىن 2 ياشلىق زىياد قاسىم سۇلايمان ئاتىفىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. ھۇجۇملارنىڭ نىشانى پۇقرالار ئىكەن.

مالىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىران ياردەم بېرىۋاتقان ھۇسىيلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەھدىنامىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى رايونلارنى كونتىرول قىلماقتا ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى ئۇرۇشتا قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەرگە ياردەم بەرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر