ئامېرىكا: ئىدلىب ۋە غۇتەدىكى ئەسەد ۋە رۇسىيە ھۇجۇملىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ شەرقىي غۇتە ۋە ئىدلىب قاتارلىق سۈرىيە شەھەرلىرىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

907203
ئامېرىكا: ئىدلىب ۋە غۇتەدىكى ئەسەد ۋە رۇسىيە ھۇجۇملىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىدلىب، شەرقىي غۇتە ۋە سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن، ھاكىمىيەت ۋە رۇسىيەنىڭ ھاۋانىڭ ھۇجۇملىرىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئەندىشە قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە ھاكىمىيەتنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن باياناتچى ھېئىتېر نائۇئېرت، ھۇجۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ شەرقىي غۇتەگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى توختىتىپ تۇرۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى ناچار 700 پۇقرانى سىرتقا ئېلىپ چىقىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن باياناتچى، رۇسىيەنىڭ دەمەشق ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى نوپۇزىنى ئىشقا سېلىشى لازىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر