رۇسىيە: دائېش تېررورچىلىرى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلدى

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلى نېبېنزىئا دائېشقا ئەزا 120 تېررورچىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

907072
رۇسىيە: دائېش تېررورچىلىرى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېېبنزىئا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورلۇق پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا، «كۆرمەسلىكە سېلىنىۋاتقان بۇ مەسىلە ئارقىلىق قول ئۆلچەملىك سىياسەت يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ» دېدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نېفىت كىرىملىرىنىڭ ئازايغانلىقىنى ۋە ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرلىرى نېفىت ھەم تەبىئىي گاز ئەتكەسچىلىكىدىن قولغا كىرگۈزگەن  ئايلىق كىرىملىرنىڭ 2 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان نېبېنزىئا، دائېشنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ ئىنتېرنېت ئارقىلىق كىرىم مەنبەلىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. دائېشقا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ياردەم بەرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى، بىراق ئۆتكەن ئاي بۇ ھەقتە غەلىتە ئىشلار ۋە دەپسەندىلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان نېبېنزىئا، پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ قويۇپ بەرگەن دائېش تېررورچىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سەپلىرىگە قېتىشىنى بۇنىڭغا مىسال كۆرسەتتى.

ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ياردەمچىسى جوناتھان ئاللېن دائېشنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى زېمىنىنىڭ % 98 ىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى، ئىراق ۋە سۈرىيەدە 7.7 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دائېشنىڭ پارچىلانغانلىقى ۋە ئاجىزلىغانلىقىنى، ئەمما تەشكىلات قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھازىرمۇ دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بولۇپمۇ تېررورچىلارنىڭ ئىنتېرنېتنى يامان نىيەتتە ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر