سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىسرائىلىيەگە ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى ئاچقانلىقىمىز يالغان

سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادنىڭ ھىندىستان – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچۇشلارغا ھاۋا ساھەسىنى ئاچقانلىقىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

906521
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىسرائىلىيەگە ھاۋا تەۋەلىكىمىزنى ئاچقانلىقىمىز يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەلئەرەبىييە»، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسرائىلىيەگە بىۋاسىتە ئۇچۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا ئائىت « Air India » ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ھاۋا ساھەسىنى ئىشلىتىشىگە ھېچقاچان رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «‹ Haaretz› گېزىتى»، ئىسرائىلىيە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىغا يېقىن مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىندىستاننىڭ دېھلى شەھىرىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ساھەسىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر