دائېش تۈنجى قېتىم ئايال تېررورچىلىرىنى ۋىدېئودا تونۇشتۇردى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تۈنجى قېتىم ئايال تېررورچىلىرىنى تونۇشتۇرغان بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلدى.

906481
دائېش تۈنجى قېتىم ئايال تېررورچىلىرىنى ۋىدېئودا تونۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىدېئودا سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى ئالدىنقى سەپتە ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرغان دائېشنىڭ ئايال ئەزالىرى كۆرسىتىلدى.

قانخور تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇقۇنۇشنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ئاياللارنىڭمۇ جېھادقا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئاياللارنىمۇ ئالدىنقى سەپكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

بۇ باياناتتىن ئىلگىرى دائېش ئاياللاردىن پەقەت ئەرلىرىگە ياخشى خىزمەت قىلىشنى ۋە جىھادچى ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇشنىلا تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

7 – فېۋرالدا تارقىتىلغان بۇ ئاخىرىقى ۋېدىئودا، يۈزلىرى ۋە بەدەنلىرى پۈتۈنلەي يېپىلغان ئايال مىلىتانلارنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرغانلىقى كۆرسىتىلدى.

«BBC»نىڭ كۆزىتىش بۆلىمى ۋىدېئونىڭ جىھادچىلار ئارىسىدا چوقۇم تالاش – تارتىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئەلقائىدە يىللاردىن بۇيان ئاياق - ئاستى قىلىنىش، باسقۇنچىلىق ۋە دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش دېگەنگە ئوخشاش ئېھتىماللىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر