ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلىنغان ياشنىڭ دادىسىنىمۇ تۇتۇپ كەتتى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقنىڭ ئەل خەلىل شەھىرىدە شېھىت قىلىنغان 19 ياشلىق ياشنىڭ دادىسىنىمۇ نازارەتكە ئالدى.

905725
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلىنغان ياشنىڭ دادىسىنىمۇ تۇتۇپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەتىگەندە شېھىت ياشنىڭ ئائىلىسى ئولتۇرۇشلۇق  ھالھۇل رايونىغا بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

تەكشۈرۈشكە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوق بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

 پەلەستىنلىك ياشلارمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە تاش ۋە بېنزىن شىشە ئېتىپ تاقابىل تۇردى. 

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلىسى جەريانىدا، 10 پەلەستىن پۇقراسىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇداخىلە جەريانىدا 10 كىشىنىڭ پىلاستىك ئوق تېگىپ يارىدار بولغانلىقى، 19 كىشىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ، نەپەستىن توختاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر