ئىتالىيە ساقچىلىرى پ ك ك يانتاياقلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە يول قويمىدى

ئىتالىيە ساقچىلىرى، پايتەخت رىمدىن ۋاتىكانغىچە مېڭىپ بارماقچى بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرىغا مۇداخىلە قىلدى.

904568
ئىتالىيە ساقچىلىرى پ ك ك يانتاياقلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىگە يول قويمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ساقچىلىرى، پايتەخت رىمدا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ۋاتىكانغا رۇخسەتسىزلا بارماقچى بولغان پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىغا مۇداخىلە قىلدى.

ئىتالىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –ئانسانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈنكى ۋاتىكان زىيارىتى جەريانىدا ۋاتىكانغا يېقىن يەردىكى مۇقەددەس پەرىشتە قەلئەسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى قانۇنسىز پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر گۇرۇپپا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارىنىڭ ۋاتىكاندىكى ئەۋلىيا پېتروس مەيدانىغا رۇخسەتسىزلا بارماقچى بولۇشىدىن كېيىن، ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى. ساقچىلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىش جەريانىدا بىر نامايىشچى يارىلاندى، يەنە بىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

ساقچىلار، ۋاتىكانغا بېرىشىغا يول قويۇلمىغان پ ي د / پ ك ك تەرەپدارلىرىنى مۇقەددەس پەرىشتە قەلئەسىنىڭ باغچىسىدا چەمبەر ئىچىگە ئالدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ تارتىلغان فوتو – سۈرەتلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق توقۇنۇشقا ئارىلاشقان تەشكىلات تەرەپدارلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە ئىناۋەتلىك بولىدىغان ھەر تۈرلۈك نامايىش ياكى يىغىلىش ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان «يېشىل رايون» ئەۋلىيا پېترۇس مەيدانى، خەلق مەيدانى، كولېزيۇم ۋە سىركو ماسسىمو قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر