پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ تېررورچىلىرى  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىن ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى.

904807
پ ك ك / پ ي د تېررورچىلىرى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلى ۋىلايىتىنىڭ جىندەرەس رايونىغا جايلاشقان «ئاتمە» مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 پۇقرا قازا قىلدى، ئاياللار ۋە نارىسىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشى يارىلاندى. يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدىن كېيىن كۆپلىگەن لاگېرلارنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان «ئاتمە» لاگېرىدىكى پۇقرالار قاتتىق قورقۇق كەتكەن.

سۈرىيەدە 2011 – يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالار مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىن پاناھلىق تىلىمەكتە ئىكەن. ھۇمۇس، ھەلەب، دەمەشق، ئىدلىب، دىر ئەززۇر ۋە ھەسەكى ۋىلايەتلىرىدىن يۈزلەرچە پۇقرا ئىدلىبنىڭ شىمالىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدا ياشايدىكەن.

 جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان «ئاتمە» مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ئەتراپى پات - پات تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ  ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر