لىۋىيە دېڭىزىدە 90 مۇساپىر سۇغا غەرق بولدى

لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپ قىسمى پاكىستانلىق بولۇپ جەمئىي 90 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

902327
لىۋىيە دېڭىزىدە 90 مۇساپىر سۇغا غەرق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا كۆچ ئورگىنى لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كۆپ قىسمى پاكىستانلىق بولۇپ جەمئىي 90 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تېلېفون بىلەن قاتناشقان ب د ت خەلقئارا كۆچ ئورگىنى باياناتچىسى ئولىۋىيا ھېدون بۈگۈن ئەتىگەن لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى پورت شەھىرى زۇۋارە دېڭىزىدا كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر  كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھېدون كېمىدىكى تەخمىنەن 90 مۇساپىرنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

10 مۇساپىرنىڭ جەسىتىنىڭ ساھىلغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان ھېدون مۇنداق دېدى: «بىزگە كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۆلگەن 10 مۇساپىرنىڭ 2سى لىۋىيەلىك، 8ى پاكىستانلىق ئىكەن، لىۋىيە ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.»

كېمىدىكى مۇساپىرلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھېدون، كېمىدىن 2 كىشىنىڭ سۇ ئۈزۈپ ساھىلغا ئاران كېلىۋالغانلىقىنى، 1 كىشىنى بېلىقچىلارنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېدون بۇ يىل ئاق دېڭىزدا جېنىدىن ئايرىلغان مۇساپىر سانىنىڭ 246غا يەتكەنلىكىنى، ياۋروپا ساھىللىرىغا قەدەم باسقان مۇساپىرلارنىڭمۇ 6624 يەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر