ئەسەد قىسىملىرى بارغانسىرى ئىدلىبكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلىپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

901738
ئەسەد قىسىملىرى بارغانسىرى ئىدلىبكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەتئەللىك گۇرۇپپىلار رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلىشى سايىسىدا ئىدلىبتىكى «يېرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى» قىلىپ بەلگىلەنگەن جايلارغا ھۇجۇم قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئۇلتۇراق رايونلارنى تاتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەللىك گۇرۇپپىلار ئىدلىبتىكى ئەڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودومىنىڭ كەنتىروللۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئىدلىبقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى باشلىدى. 

ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى بەراغاشى، جىدەدە، تەل كىلەبە، جەبەل ئەل تاۋىل، مىسادە، تاۋىل ئەل خەلىد، سالاھىيە ۋە ئەل خىففە يېزىلىرىنىڭ كونتىروللۇقىنى قوزغىلاڭچىلاردىن تارتىۋالدى. 

ئەسەد قىسىملىرى بۇ ئارقىلىق ئىدلىبنىڭ سەراقىب ناھىيەسىگە 14 كېلومېتىر ۋە شەھەر مەركىزىگە 30 كېلومېتىر كېلىدىغان يەرگىچە يېقىنلاپ كەلگەن بولدى.

رايوندىكى قوزغىلاڭچىلار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەسلەپكى نىشانىنىڭ سەراقىب ناھىيەسىنى ئاندىن ئىدلىبنىڭ شھەر مەركىزىنى تارتىۋىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھامانىڭ شەرقىدە ۋە ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكلاتى دائېشنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قارشى قىلىۋاتقان ئۇرۇشى، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئەسەد قىسىملىرى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئەبۇ زۇھۇر بازىسىنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ماررىتىنۇمان، خان شەيخۇن ۋە ئىدلىبنىڭ شەرقىدىكى سەراقىب ناھىيەلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، رايوندىكى مىڭلىغان ئائىلىلەر باشقا خاتىرىجەم جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا. ھۇجۇمنىڭ داۋاملىشىغا ئەگىشىپ پۇقرالارنىڭ كۆچۈشلىرىمۇ تىزلاشماقتا.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ۋە تۈركىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئىدلىب 2017 – يىلى 4 – ۋە 5 – مايدا، ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، «يېرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ھەربىي ئۆكتىچىلەر ۋە قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى بۇ رايون ھازىرمۇ بەزىدە ئەسەد قىسىمللىرىنىڭ، يەنە بەزىدە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر